چەبدەسلىكنى سىنايدىغان ئاددى flash ئويۇن : ئاخىرلاشتۇرغۇچى
[ ئۇنىۋېرسال ]مەزكۇر ئويۇن ئاددىلىقىغا باقماي ئادەمنى ئوبدانلا ھاياجانغا سالىدۇ . ئويۇندا سىز مەلۇم قاتىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيسىز. ئەلۋەتتە بايقىلىپ قالماسلىق شەرتى ئاستىدا ، بەلگىلەنگەن نىشاننى ئوجۇقتۇرغاندىن كېيىن سسىستېما كۆرسىتىپ بەرگەن يول بويىچە قېچىپ قۇتۇلىسىز. ئاڭلىماققا تولىمۇ ئاددى ئەمما ناھايىتى قىيىن . قېنى ئاۋۋال سىناپ بېقىڭ ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن!
ئويۇندىن بىر قانچە كەسمە رەسىم:
ئويۇننى قانداق ئوينايمەن ؟
● يۆنىلىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق باش قەھىرماننىڭ ھەركىتىنى كونترول قىلىسىز
● يىشىل رەڭلىك ئادەم دەل ئۆلتىرىش ئوبىكتىڭىز. قاتتىق ئۇرۇلسىڭىزلا ئۆلىدۇ. قوغدىغۇچىلارنىڭ سانى ئۆتكەلنىڭ يۇقىرلىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ.
● Z سۈرئەت تېزلىتىدۇ، X يۇشۇرۇنىدۇ، سول تەرەپتىكى سېرىق تاياقچە ئېنېرگىيە كۆرسەتكۈچىسى (يۇشۇرۇنۇش ۋە سۈرئىتىڭىزنىڭ كاپالىتى)
● نىشاننى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ ، ئاستىدىكى يىشىل تاياقچىنى توشۇشىنى ساقلايمىز. توشقاندىن كېيىن بىر كۈلرەڭ نىشان كۆرۈنىدۇ . بۇ دەل بىزنىڭ قېچىپ چىقىش ئورنىمىز. شۇ ئورۇنغا يىتىپ بارالىساقلا ئاندىن ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولىمىز.
ئەمسە ئويۇننى باشلايلى :
- يازما ئاۋاتلىقى : 546 ئادەم قېتىم
- يازما خەتكۈچى:ئاخىرلاشتۇرغۇچى, ئويۇن, قاتىل
- يوللانغان ۋاقىت:2012يىلى01ئاينىڭ27كۈنى am 1:53
- كېيىنكىسى:ئاددى ھايات ، رەڭدار ئەسلىمە | ئىككى ياشنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش كارتىنىسى
- ئالدىنقىسى:2012 يىتىپ كەلدى | ئاخىرقى زامان تېمىسىدىكى بىر قىسىم قىستۇرما رەسىملەر



ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق ياقتۇردىغان ئويۇنلارنى ئوينىمىغىلى، پېچەت ئويۇنكەن، رەھمەت.
ساقلاپ قوياي دېگەن، چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقما؟
بۇ ئويۇننى ئوينىغىلى بولمىدى ؟
ئانتايىن نورمالغۇ ؟ قانداق مەسىلە كۆرۈلدى ؟
بەكلا ئاسان تۇيۇلدىغۇ